ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ياۋروپا خەلق پارتىيىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-10 11:18

ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئىيۇن كەچتە ئاياغلاشتى، ياۋروپا پارلامېنتى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى ئاساسىدىكى دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، نەتىجىدە ياۋروپا خەلق پارتىيەسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلدى، بېلەت تاشلاش 6-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە داۋاملاشتى. بۇ ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان»دىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن ياۋروپا پارلامېنت سايلىمى. پىلان بويىچە، بۇ قېتىمقى سايلامدا ۋۇجۇدقا كەلگەن كېلەر نۆۋەتلىك ياۋروپا پارلامېنتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسىنى سايلاپ چىقىدۇ.

ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمى 9-ئىيۇن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون شۇ كۈنى كەچتە خەلق پارلامېنتىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ھەمدە 30-ئىيۇن ۋە 7-ئىيۇل يېڭى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل،

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有