خاماس غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش يېڭى تەكلىپى ھەققىدە ئالاقىدار ياراشتۇرغۇچى تەرەپكە ئىنكاس قايتۇردى ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى تەكلىپنى رەت قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 15:44
پەلەستىن قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس بىلەن جېخادې شۇ جاي ۋاقتى 11-ئىيۇن كەچتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى شۇ كۈنى قاتار زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە قارىتا ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالاقىدار ياراشتۇرغۇچى تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەردى، دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئورتاق ئىنكاستا پەلەستىن خەلقىنىڭ مەنپەئەتى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىشنى ئۈزۈل-كېسىل توختىتىش ۋە پۈتكۈل غەززەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئالدىن ئويلىشىلدى ۋە تەكىتلەندى. ۋەكىللەر ئۆمىكى پەلەستىننىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بويىچە، ئالاقىدار تەكلىپ ۋە كېيىنكى ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاماس بىلەن جېھادې ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق ئىنكاسقا ئاساسەن، ئىسرائىلىيەدىن پۈتكۈل غەززە رايونىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش تەلەپ قىلىنغان، بۇ غەززە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايون ۋە رافا چېگرا ئېغىزىغا ئالاقىدار رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشى ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ۋاقىت جەدۋىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى 11-ئىيۇن كەچتە ئىسرائىلىيە ئالاقىدار ياراشتۇرغۇچى تەرەپ ئارقىلىق خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالدى، بىراق خاماس تەكلىپتىكى بارلىق ئاساسىي مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئېلان قىلغان تەكلىپ پىروگراممىسىنى ئۆزگەرتىپتۇ، دەپ ھېسابلىدى. ئىسرائىلىيە بۇنى خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى پاتىگۈل مۇھەممەد