ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتى نىشان ئارىلىقنى %5.25 تىن %5.5 كىچە ساقلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى زاپاس پۇل كومىتېتى 12-ئىيۇن فوندى ئۆسۈم نىسبىتى نىشانىنى %5.25 تىن %5.5 كىچە ئارىلىقتا ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرىگە ئۇيغۇن. بۇ بۇلتۇر 9-ئايدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۇدا 7-قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، پۇل پاخاللىقى ئۆتكەن بىر يىلدا سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يۇقىرىكەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى