ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى نۇرغۇن جايلاردا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى، خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى رەت قىلغىنى ئىسرائىلىيە، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-13 15:43

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 12-ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى قىسمى غەززەنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا داۋاملىق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن بىر كۈندە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رافادىكى يېقىن ئارىلىق ئۇرۇشىدا پەلەستىن قوراللىق خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن نۇرغۇن كىچىك ئەترەتتىكى قوراللىق خادىملارنى ئېتىپ تاشلىدى. پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتى 12-ئىيۇن رافانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نىشانلىرىغا قايتۇرما زەربە بەردى. خاماسقا قاراشلىق ھەربىي گۇرۇھ قاسسام لۈيىنىڭ قوراللىق خادىملىرى شۇ كۈنى رافادىكى سابۇلا مۇساپىرلار لاگېرىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا كەسكىن جەڭ قىلدى ھەمدە راكىتامىيۇت بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى تانكىسىغا زەربە بەردى.

لىۋان جىنجۇداڭى 12-ئىيۇن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى جەمئىي 215 راكىتامىيۇت لىۋاندىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا قويۇپ بېرىلگەن.

خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئوساما ھەمدان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى رەت قىلغىنى ئىسرائىلىيە، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسلىقى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى خاماسنىڭ بۇ لايىھەنى رەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن. قاتارنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد 12-ئىيۇن: ھەر قايسى تەرەپلەر غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش لايىھەسى»نى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يول قويۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، دېدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى نۇرغۇن جايلاردا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى، خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى رەت قىلغىنى ئىسرائىلىيە، دېدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزى قىسمى غەززەنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا داۋاملىق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.