ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي قىسمى راكىتامىيۇت ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-14 10:39
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 13-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافادا «قاراتمىلىق» ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، پەلەستىن قوراللىقلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا جەڭ قىلدى ھەم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن شۇ جايدىكى راكېتامىيۇت قويۇپ بېرىش مەيدانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
غەززەدىكى سەھىيە تارماقلىرى 13-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتتە جەمئىي 30 ئادەم قازا قىلدى، 105 ئادەم يارىلاندى. لىۋان جېنجۇداڭ قوراللىق كۈچلىرى 13-ئىيۇن مۇنداق دېدى: مەزكۇر تەشكىلات شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالى ۋە گولان ئېگىزلىكىگە جايلاشقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپلىگەن نىشانلىرىغا زەربە بەردى، بۇ زور مىقداردا راكىتامىيۇت ئىشلىتىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئالتە ھەربىي بازىسى ۋە ھەربىي تايانچ پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قانچە ھەربىي بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى 40 تىن ئارتۇق راكىتامىيۇت بىر سائەت ئىچىدە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەگە ئېتىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان دەپ قارالغان» بەش ئۇچقۇ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى پەيدا قىلغان.
لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى مارجايون بازىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى، جېزىنى رايونىدىكى ئېشا بازىرى قاتارلىق جايلار 13-ئىيۇن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ توپقا تۇتۇشى، ھاۋا ھۇجۇمى، ئاق فوسفور بومبىسى ۋە كۆيدۈرگۈچ بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا يۇقىرىقى جايلاردىكى ئورمان، مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئوت كەتكەن. شۇ جاي ۋاقتى 13-ئىيۇن كەچتە، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئىمارەتكە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۇجۇمدا يەتتە پۇقرا يارىلانغان.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى