ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاماس: ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-30 10:17

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 29-ئىيۇن: يېقىندا ئىسرائىلىيە بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان خادىملارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى، دېدى. ئۇ سۆزىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنى قامال قىلىش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ غەززەگە كىرىشىگە يول قويۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ يەنە خاماس غەززەدە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈنلەي ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق تەشەببۇسقا ئاكتىپ، ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، لىۋان جېنجۇداڭنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىككى ھەربىي ئىمارىتىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئەسكىرى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە قازا قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىن قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 670 كە يەتتى.

غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە 40 كىشى قازا قىلدى، 224 كىشى يارىلاندى، دېدى. بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا غەززە رايونىدا 37 مىڭ 834 ئادەم قازا قىلدى، 86 مىڭ 858 ئادەم يارىلاندى.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاماس: ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 29-ئىيۇن: يېقىندا ئىسرائىلىيە بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان خادىملارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش