ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان سۈنئىي ئەقىل خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارنى كېڭىشىپ بىردەك ماقۇللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-02 11:21

78-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى 1-ئىيۇل جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان سۈنئىي ئەقىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خەلقئارا ھەمكارلىق قارارىنى كېڭىشىپ بىردەك ماقۇللىدى، 140 نەچچە دۆلەت بۇ قارارنى بىرلىكتە تۈزۈشكە قاتناشتى.

قاراردا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىدا ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارنى ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈش، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشكە ئىلھام بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىكلىكى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتمەيدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى مەركەزلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有