قازاقىستان، تاجىكىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتمەكتە
قازاقىستان، تاجىكىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.
قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرېشېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى قازاقىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە رايون مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدۇ. قازاقىستان بىلەن جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، بۇ بىز ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىمىزگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى پات ئارىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ 5-قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن بۇ يىل 3-ئايغىچە جۇڭگودا ئۈچ قېتىم زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدا ئىنتايىن دوستانە ۋە قويۇق مۇناسىۋەت بار، بۇمۇ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
قازاقىستان «تالاپ» ئەمەلىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئوشاكبايېف مۇنداق دەپ قارىدى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ چوڭقۇر دوستلۇقى بار، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. بىز ھەر يىلى جۇڭگونى ھېس قىلىش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىمىز، تەكشۈرۈش ئارقىلىق قازاقىستان خەلقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ھەر يىلى ئېشىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق.
تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى كومىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئايۇبۇزودا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاجىكىستان ياشلىرى جۇڭگو رەھبىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىگە ناھايىتى تەقەززا بولماقتا، بىزمۇ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ياشلارنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تاجىكىستانلىق ياش قېيۇم مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىزنىڭ ياخشى قوشنىمىز، تاجىكىستان بىلەن كۆپ يىللاردىن بۇيان دوستانە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى، تاجىك خەلقى قىزغىن، مېھماندوست، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گۈزەل تاجىكىستانغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت