ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3-قىسمى (قازاقچە نۇسخىسى) قازاقىستاندا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-03 10:05

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتتە، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3-قىسمىنىڭ قازاقچە نۇسخىسىنى كۆرسىتىش مۇراسىمى 2-ئىيۇل ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ پروگراممىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ پىروگرامما قازاقىستان زۇڭتۇڭى رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قارىمىقىدىكى يىپەك يولى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاتامېكىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلىدۇ.

  «يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3-قىسمىنىڭ قازاقچە نۇسخىسىدا، دىققەت ئورتاق بېيىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى ۋە سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە كىلاسسىك ھېكمەتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل-پاراسىتى، چوڭقۇر ئادىمىيەت ھېسسىياتى ۋە كەڭ دائىرىلىك چوڭ تارىخ قارىشى، دۇنيا قارىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كۆرۈرمەنلەرگە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى نامايەن قىلىندى.

  شۇ كۈنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى، تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان ئىككى گېزىت «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى»، «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قازاقىستان گېزىتى»نىڭ باش بېتىگە «يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3-قىسمىنىڭ قازاقچە نۇسخىسى پىروگراممىسىنى كۆرسىتىش خەۋىرى بېسىلدى. «بۈگۈنكى قازاقىستان» ئاگېنتلىقى، قازاقىستان لادا ئاخبارات تورى، ئۆزبېكىستان NUZ تورى، رۇسىيە سانكىت پېتىر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاسىيا-ياۋروپا رايونى ۋە يەر شارىدىكى يۈزگە يېقىن ئاساسلىق تاراتقۇلار بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

  سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3-قىسمى (قازاقچە نۇسخىسى) قازاقىستاندا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتتە،