ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-قازاقىستان ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-03 10:48

  جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2-ئىيۇل ئاستانىدە «تاغ-دەريالىرى تۇتاش، يېڭى سەھىپە پۈتۈش» ناملىق جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پائالىيەتنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى ھەم پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. قازاقىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ساھەسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، تاراتقۇلار ۋە ئىلىم ساھەسىدىن كەلگەن 100 گە يېقىن داڭلىق زات قاتنىشىپ، ئالاقىدار ساھەلەردە كۆپ تۈردە ئەمەلىي ھەمكارلىق ھاسىل قىلىنغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بىرلىشىپ ئىشلىگەن «ئورتاق ئارزۇ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇشقا باشلىدى.

  توقايېۋ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى رامكىسىدىكى پائالىيەت بولۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئادىمىيەت ئالاقىسى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن. بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن قازاقىستان ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان «ئورتاق ئارزۇ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت، سەنئەت، ئېكولوگىيە، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىشىپ تەڭ قۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك تەرەققىيات ھېكايىسى، شۇنداقلا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن تەسىرلىك دوستلۇق ۋە تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇشتىكى مېھرى-مۇھەببىتى بايان قىلىنغان. پائالىيەتتە، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تەتقىقات يۇرتى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك ياۋروپا-ئاسىيا داشۆسى، باش ئىستانسىنىڭ ئاسىيا-ياۋروپا باش پونكىتى بىلەن قازاقىستان ساياھەت دۆلەتلىك شىركىتى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى ھەمدە نەق مەيداندا ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئالماشتۇردى. «جۇڭگو-قازاقىستان ئىقتىساد ئۇچۇرى بىۋاسىتە لىنىيەسى» تۈرى شۇ كۈنى باشلاندى.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-قازاقىستان ئادىمىيەت ئالاقىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

جۇڭگو مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2-ئىيۇل ئاستانىدە «تاغ-دەريالىرى تۇتاش، يېڭى سەھىپە پۈتۈش» ناملىق جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.