ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قازاقىستاننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقتا يەنە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-03 10:50

  قازاقىستاننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، دېدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى بېسىلغان «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى» 1920-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستان گېزىتچىلىك گۇرۇھىغا قارايدۇ. قازاقىستان گېزىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى كامزابېكۇر مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. ئىمزالىق ماقالە نۆۋەتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بەردى.

  قازاقىستاننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تاشقى سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى نۇرغالىيېف مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق ھەم زىچ، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. رەئىس شىجىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

  قازاقىستان سودا ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تورېبايېف مۇنداق دېدى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى، 2023-يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 41 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. قازاقىستان ئۇلۇغۋار نىشان بېكىتىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا سوممىسىنى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان جۇڭگونىڭ ھەرقايسى رايونلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ۋەكىللەر ئۆمىكىنى جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا كۆپ قېتىم تەشكىللىدى.

  «قازاقىستان ئوقەتچىلىك گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى كورزمباي مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ «قازاقىستان ساياھەت يىلى»، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. بىز نۇرغۇن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئالمۇتا، ئاستانە قاتارلىق گۈزەل شەھەرلەرگە ساياھەتكە كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇقرالىرىمىزنىڭمۇ جۇڭگوغا ساياھەتكە بېرىپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىققانلىقىنى كۆردۇق. مېنىڭچە جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قازاقىستاننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقتا يەنە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ

قازاقىستاننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، دېدى.