ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-04 10:44

  قازاقىستاننىڭ ھەر ساھە ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى مالدىبايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى، ئۇ سۆزىدە ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  قازاقىستان ئاستانە خەلقئارا داشۆسىنىڭ مۇدىرى ئىرسالىيېف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئېنىق بايان قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوست ئۆتۈش، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساسىدا قازاقىستان بىلەن ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقى نامايان قىلىندى.

  قازاقىستان ياۋروپا-ئاسىيا بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتخانىسى سىياسىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاجىلىش مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگو باشتىن-ئاخىر قويۇق ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقتىن مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان كۈچلۈك تىرەك بولدى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى نامايان قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى قازاقىستانغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ.

  قازاقىستانلىق ئالىم قوسبايېۋا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى مەيدانى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ھەمدە ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مەن شى جىنپىڭنىڭ «كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت بار، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلەيمەن، كىرىزىس ۋە خىرىسنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى پۇرسەت ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دەل مۇشۇنداق پۇرسەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش سۇپىسى.

  قازاقىستانلىق ئادۋوكات نۇركىيېۋا: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە «بەش بارماقنى جۈپلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش» تىلغا ئېلىندى، مەن بۇنى ئالاھىدە قۇۋۋەتلەيمەن. ھەر بىر دۆلەتنىڭ خۇددى بىر قولنىڭ بەش بارمىقىغا ئوخشاش ئۆز ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق بىزنى خۇددى چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتقا ئوخشاش ئورتاق نىشانغا قاراپ تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ، دېدى.

  قازاقىستانلىق كارخانىچى روزىباي مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. مەن ئىلگىرى جۇڭگوغا ئوقۇشقا بارغان، جۇڭگونىڭ سانائەت، تېخنىكا ۋە ياساش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ھازىر ھەر يىلى جۇڭگوغا بېرىپ نۇرغۇن كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىمەن، ھەر قېتىمدا يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆرەلەيمەن، بۇ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئالغاندەك، بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  قازاقىستانلىق ئەربابلار: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىغا ئىشىنىمىز، دېدى.

  قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بايبازاروۋ: ئۆتكەن يىلى قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 41 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق رېكورت ياراتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ماسلاشتى، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ئۆزگىچە ھەم مول ئۈنۈملۈك بولدى، دېدى.

  قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرى بارايېۋا: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئاچىدۇ. بىز قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكىنى، مۇزىكا ئۆمىكى سەييارە ئويۇن قويۇش، ئەدىبلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قويۇش قاتارلىقلارنى كۆردۇق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشى بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىزغا، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە بېرىش-كېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا تۈرتكە بولدى، دەپ قارىدى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

قازاقىستاننىڭ ھەر ساھە ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.