ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى خاماس بىلەن داۋاملىق غەيرىي بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەستىقلىدى، خاماس ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-05 14:59

  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 4-ئىيۇل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر كۈندە 50 نەچچە پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانىنى بىتچىت قىلىپ، نەچچە ئون پەلەستىن قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، دېدى. پەلەستىن تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 4-ئىيۇل غەززە رايونىدىكى كۆپلىگەن جايلارغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 45 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۇندىن باشقا 120 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. خاماس ۋە جېيخادېنىڭ قول ئاستىدىكى ھەربىي گۇرۇھ قاسسام لۈيى، مۇقەددەس شەھەر لۈيى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە شىددەتلىك قايتۇرما زەربە بەردى.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 4-ئىيۇل پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس بىلەن ئۇرۇش توختىتىش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا غەيرى بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشنى تەستىقلىدى. خاماس بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خاماس بىلەن ياراشتۇرغۇچى تەرەپ «بەزى ئويلىرى»نى ئالماشتۇردى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە تاجاۋۇز قىلىشىنى توختىتىش. خاماس ھازىر ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى خاماس بىلەن داۋاملىق غەيرىي بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەستىقلىدى، خاماس ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 4-ئىيۇل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر كۈندە 50 نەچچە پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانىنى بىتچىت قىلىپ،