ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاۋاز بەرگۈچىلەر ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە لىبورېسلار پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلغان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-05 14:59

ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش شۇ يەر ۋاقتى 4-ئىيۇل كەچتە ئاياغلاشتى، ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىر ستارمېر رەھبەرلىكىدىكى لىبورېسلار پارتىيەسى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا يېرىمدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئەنگلىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلىنىدىكەن. ستارمېر ئەنگلىيەنىڭ سەككىز يىل ئىچىدىكى ئالتە باش ۋەزىر بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يىل 5-ئايدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سۇناك 4-ئىيۇل مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئەنگلىيەنىڭ 1945-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 7-ئايدا سايلام ئۆتكۈزۈشى. ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن خەلق ئاممىسى مۇنداق دەپ قارىدى: 2022-يىلىدىن بۇيان، ئەنگلىيەدە مال باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، يېمەكلىك، ئېنېرگىيە، تۇرالغۇ قاتارلىقلارنىڭ باھاسىدا كەينى-كەينىدىن يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاۋاز بەرگۈچىلەر ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە لىبورېسلار پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلغان

ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش شۇ يەر ۋاقتى 4-ئىيۇل كەچتە ئاياغلاشتى،