تاجىكىستاندىكى ھەر ساھە زاتلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ، دېدى
تاجىكىستاننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى تاجىكىستاننىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى رەشىد ئالىموف مۇنداق دېدى: تاجىكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى قوشنا دۆلەتلەر دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇشى چوقۇم يېڭى دەۋرنى ئاچىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارزۇسى كېيىنكى ئىككى، ئۈچ يىللىق پىلان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى مەۋقەنى تېخىمۇ ئۇزاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشقا قارىتىدۇ. تاجىكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئۇ قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسى. تاجىكىستاننىڭ قاتناش مىنىستىرى ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى تاجىكىستاننىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرمەكتە. زۇڭتۇڭىمىز رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. بۇ تەشەببۇس رامكىسى ئاستىدا، تاجىكىستان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا، مەسىلەن، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش كارىدورى قۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا مەبلەغ سېلىشىمۇ بىزنى نۇرغۇن پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. تاجىكىستان رۇس-تاجىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى راخمان ئۆلمەسوف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭىمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇپلا قالماي، مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەت رەھبىرىنىڭ تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇشى تاجىكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تاجىكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد ۋە نوپۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رەخىمزادە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇ ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە دوستلۇقنىڭ پايدىسى. جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن