ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جۇڭگونىڭ 4-نۆۋەتلىك دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىش دوكلاتىغا قاتنىشىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جۇڭگونىڭ 4-نۆۋەتلىك دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىش دوكلاتىغا قاتنىشىشىنى بىردەك تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى. رۇسىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئۆزبېكىستان، گامبىيە، ۋىيېتنام قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر يىغىندا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، كېڭەشنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقىغا قاراپ چىقىش دوكلاتىغا قاتنىشىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىنى قوللىدى.
دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا قاراپ چىقىش-ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا باراۋەر، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىجابىي سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم سۇپا.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن