ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارادىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-07 11:34

خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان سۆزى ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

قازاقىستان دۇنيا ئىقتىساد سىياسىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئېرسۇلتان زانسېتوف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، «شاڭخەي روھى» گۇرۇھلىشىشنى، قارشىلىشىش تەپەككۇرىنى رەت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشقا كۈچ چىقىرىپ، يېڭى، ئادىل دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىشتا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن.

رۇسىيە خەلقئارا ئىشلار كېڭىشىنىڭ مۇدىرى ئاندىرى كورتۇنوف مۇنداق دېدى: جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە، جۇڭگو رەھبىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنيا تەشەببۇسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مېنىڭچە جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن كېيىن، خەۋپسىزلىك قارالمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، تەرەققىيات قارالمىسىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پاكىستان تىنچلىق ۋە دىپلوماتىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى فارخات ئاسىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدۇ، بۇ چوڭ ئائىلە ھەمكارلىق، سۆزلىشىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ.

ئىراننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى مانافىي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى بىلەن توقۇنۇشمايدۇ، دەپ قارايدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەل يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن ئىزچىل لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. «شاڭخەي روھى» بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلانماقتا.

كامبودژا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىيات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شېمونىل مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش» نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تەشەببۇسلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوللايدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم مېخانىزمىغا ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

تۈركىيە مارمارا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ھۈسەيىن دوستىش: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى توغرا، دەپ قارىدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى دۆلەتلەر بىخەتەر بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي بىخەتەر بولىدۇ، بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق سۇپىسىنى قوللىشىمىز كېرەك، بۇ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ كەلگۈسىگىمۇ پايدىلىق.

سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ سابىق خەلقئارا مۇناسىۋەت مىنىستىرى مىلىۋويېۋىچ مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى، شۇنداقلا ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش دېگەن سۆزنى قۇۋۋەتلەيمەن. جۇڭگو باراۋەر، تەرتىپلىك، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىز جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن خەلقئارا سەھنىدە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارادىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىدا