ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىدىكى مەكتەپلەرگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-08 15:16

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتىكى ئىمارەتكە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، دېدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئاخباراتقا ئاساسەن، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) قوراللىقلىرىنىڭ ئالاقىدار ئىمارەتلەردىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇنۇش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئورنى قىلغانلىقىنى بېكىتتى. پەلەستىننىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك تۆت كىشى قازا قىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەكتەپ غەززە شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن يەرلىك ئاممىنى قوبۇل قىلغان.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئەرەب تىلى باياناتچىسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، غەززە شەھەر مەركىزىدىكى نۇرغۇن كوچىلاردىكى ئاممىدىن غەززە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىغا چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار رايونلاردىكى كېيىنكى ھەرىكىتى چۈشەندۈرۈلمىگەن، لېكىن ھازىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنىلا غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شۇجايا رايونىغا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
باش ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، خاماسنىڭ غەززە رايونىدا تەسىس قىلغان ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىخاب ھۈسەيىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى زارېت رايونىغا جايلاشقان بىر ھەربىي قاراۋۇلخانىسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى لىۋان جېنجۇداڭنىڭ تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى يارىلانغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئارقىدىن لىۋاندىكى ئالاقىدار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش بازىسى ھەمدە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جېنجۇداڭنىڭ ئىككى جايدىكى ئەسلىھەلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە غەززە رايونى مەسىلىسىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنىلا لىۋان جېنجۇداڭ بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىدىكى مەكتەپلەرگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتىكى ئىمارەتكە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، دېدى.