ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاماس نىتانىياخۇنى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-09 10:39

  پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇل كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە خادىم ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلىشقا بولمايدىغان ئالاقىدار پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رافادىكى يەر يۈزى ھەرىكىتىنى توختىتىشنى رەت قىلغان. خاماس باياناتىدا ياراشتۇرغۇچى تەرەپلەرنىڭ ئارىلىشىپ، بۇ خىل قىلمىشنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، غەززە شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى پەلەستىن خەلقىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەيربەراختىكى ئاتالمىش ئىنسانپەرۋەرلىك رايونىغا جىددىي چېكىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاماس نىتانىياخۇنى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇل كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.