ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ 29 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئىككى ئىسرائىلىيەلىك لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ راكېتامىيۇت ھۇجۇمىدا قازا قىلدى
غەززە تاراتقۇ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 9-ئىيۇل كەچتە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خانيۇنۇستىكى بىر مەكتەپكە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، 29 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەن.
لىۋان جېنجۇداڭى 9-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزالىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن، جېنجۇداڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەزالىرى گولان ئېگىزلىكىگە جايلاشقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 210-شىسىنىڭ باش ئىشتابىغا نەچچە ئون «كاتيۇشا» ناملىق راكېتامىيۇت ئاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، شۇ كۈنى گولان ئېگىزلىكىدە جېنجۇداڭنىڭ راكېتامىيۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىككى ئىسرائىلىيەلىك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەسكەر كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 9-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ 8-ئايدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ئاشقۇن ئەنئەنىچى يەھۇدىيلىرىنى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە قوبۇل قىلىشنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە ئاشقۇن ئەنئەنىچى يەھۇدىيلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار تەلەپلەرگە كۈچلۈك قارشى تۇرغان ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇدا ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-ئىيۇل قاتارنىڭ پايتەختى دوھاغا يېتىپ بېرىپ، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس بىلەن غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش، تۇتۇپ قېلىنغان خادىملارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە داۋاملىق ۋاسىتىلىك سۆھبەتلىشىدىكەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى