خەلقئارادىكى ئەربابلار: جۇڭگو ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-20 11:32
خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا يۈكسەك دىققەت قىلدى. خەلقئارادىكى ئەربابلار: ئومۇمىي يىغىندا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىپلا قالماستىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
تايلاندنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى پىنى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو ئىسلاھات ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئورتاق گۈللىنىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.
گېرمانىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بۇبۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلەيمەن. بۇ جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بازار مۇھىتى يارىتىش كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەنمۇ گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئامېرىكا كۇئېن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت كۇئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىر ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگونىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قەتئىي يېتەكلىمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى ئېرىك سولخېيم مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، تەبىئەتكە قىلساڭ مېھنەت، تەبىئەتمۇ قىلار ساڭا ھىممەت. جۇڭگو غايەت زور ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن يېشىل تەرەققىياتنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرماقتا. مەن يېقىندا شىنجاڭدىن قايتىپ كەلدىم، ئۇ يەردە جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرىنى كۆردۈم، فۇجيەندە، مەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان لىتىيلىق باتارېيە زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم، يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدە جۇڭگو دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
رۇسىيە ئالىي ئىقتىساد داشۆسى ياۋروپا ۋە خەلقئارا ئۇنىۋېرسال تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاسىلىي كاشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ئۇنىڭ پىلانلىشى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى نۇرغۇن جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. مەسىلەن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، بىز يەنە ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا مائارىپ، پەن -تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل