خەلقئارادىكى تاراتقۇلار جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىغا دىققەت قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-20 11:35
خەلقئارادىكى تاراتقۇلار جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا دىققەت قىلدى ۋە خەۋەر قىلدى.
رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ «جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پىلانى تۈزۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلىندى. رۇسىيە تاسس ئاگېنتلىقى «جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ» دېگەن تېمىدا ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىنى چۈشەندۈردى، ئاخباراتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باراۋەر، تەرتىپلىك دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا دىققەت قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلدى ۋە خەۋەر بېرىپ، يىغىندا پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەكىتلەندى دەپ كۆرسەتتى، خەۋەردە يەنە ئاخباراتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2029-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تاماملايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىندى.
نېپال نۇر ئاخبارات تورى «جۇڭگونىڭ نەتىجىلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 45 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بىر يۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، بولۇپمۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ماقالىدە ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن جۇڭگونىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىشىدىن ئۈمىد كۈتۈدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تايلاند «دىرېكتورلار» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئومۇمىي يىغىن جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي سىياسەت يۆنىلىشىنى بېكىتىدىغان مۇھىم يىغىن بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل