مىكروسوفت شىركىتى: ئامېرىكا كومپيۇتېر بىخەتەرلىك تېخنىكىسى شىركىتى مىكروسوفت كۆزنەك سىستېمىسى ئۈچۈن ئېلان قىلغان يۇمشاق دېتال يېڭىلاشتا «نۇقسان» ساقلانغان بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى 8 مىليون 500 مىڭغا يېقىن مەزكۇر سىستېمىنى ئورناتقان ئۈسكۈنىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى
مىكروسوفت شىركىتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا كومپيۇتېر بىخەتەرلىك تېخنىكىسى شىركىتى مىكروسوفت كۆزنەك سىستېمىسى ئۈچۈن ئېلان قىلغان يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاشتا «نۇقسان» بار، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان كاشىلا مۆلچەرلىنىشىچە، يەر شارىدىكى 8 مىليون 500 مىڭغا يېقىن بۇ سىستېما ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىگە تەسىر كۆرسەتكەن. بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، يەر شارىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا مىكروسوفتنىڭ كۆزنەك سىستېمىسى بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالىنى يېڭىلاش سەۋەبلىك «كۆك ئېكران» پەيدا بولۇپ، ئاۋىياتسىيە، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كۆپلىگەن كەسىپلەر تەسىرگە ئۇچرىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت