پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار بېيجىڭدا «بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىپ، پەلەستىننىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى
جۇڭگونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پەلەستىندىكى 14 گۇرۇھنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى 21-ئىيۇلدىن 23-ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا يارىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى ھەمدە «بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىپ، پەلەستىننىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق پەلەستىن خەلقىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى، غەززەنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزەش، ۋاقىتلىق مىللىي يارىشىش ھۆكۈمىتى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا ئاساسەن، پەلەستىننىڭ ھەقىقىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىشقا قوشۇلدى. نۆۋەتتىكى غەززە توقۇنۇشىدىكى قىيىن ئەھۋالغا قارىتا، جۇڭگو «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار جۇڭگونىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوللاش، بۆلۈنۈشكە خاتىمە بېرىش، پەلەستىننىڭ مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن سەمىمىي تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتتى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن