ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خانيۇنۇسقا ھۇجۇم قىلىپ 89 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، لىۋان جىنجۇداڭى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەرگە راكېتا بومبا قويۇپ بەردۇق، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-24 13:14

  ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 23-ئىيۇل ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خانيۇنىسقا قىلغان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندىمۇ 89 ئادەم قازا قىلغان.

  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 22-ئىيۇل ئەتىگەندە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، پەلەستىن خەلق ئاممىسىدىن غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خانيۇنۇسنىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئاتالمىش «ئىنسانپەرۋەرلىك رايونى»دىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالاقىدار رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 23-ئىيۇل ئېلان قىلغان ۋىدېيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن تانكىسى خانيۇنۇستا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر كۈندە خانيۇنۇستا پەلەستىن قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ 50 نەچچە نىشانىغا ھۇجۇم قىلدۇق، دېدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 23-ئىيۇل ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نۇرغۇن جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ يەتتە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 23-ئىيۇل لىۋان تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن شەھەر-بازارلارنى توپقا تۇتقان. لىۋان جىنجۇداڭى قوراللىق كۈچلىرى قايتۇرما زەربە سۈپىتىدە، شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى شېموناغا نەچچە ئون راكېتا بومبا ئاتقان.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有