ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بېنزىن ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-24 13:14

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى 23-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بېنزىن ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. رۇسىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 9-ۋە 10-ئايدا ئېكسپورتنى چەكلەش بۇيرۇقىنى داۋاملىق يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئەگەر ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، 9- ۋە 10-ئايدا بېنزىن ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملىق چەكلىشى مۇمكىن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2024-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ بېنزىن ئېكسپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە چەكلەشنى قارار قىلغان ئىدى.

  رۇسىيە ھۆكۈمىتى بازارنىڭ تەمىنات ئەھۋالىغا ئاساسەن، 7-ئاي مەزگىلىدە بېنزىن ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بېنزىن ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى 23-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بېنزىن ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ