ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ۋەكىلى: رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-26 14:32
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ شۇ جاي ۋاقتى 25-ئىيۇل خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلەشنى قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى داۋاملىق نامايان قىلىپ، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
فۇ سۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇلېبا  جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇۋاتىدۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو كۇلېبانىڭ ئۇكرائىنانىڭ جۇڭگونىڭ پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەمدە جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى «ئالتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇشى»نى ئەستايىدىل تەتقىق قىلغانلىقى، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. جۇڭگو ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق ۋە سۆھبەتلىشىش تەرەپتە تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىنى قوللاپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ بالدۇرراق سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
 
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى  
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ۋەكىلى: رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

جۇڭگو ۋەكىلى: رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز