ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-27 11:13
33-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى  27-ئىيۇل سەھەردە فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە باشلاندى.
ئەر تىكتاك توپ تەنھەرىكەتچىسى ما لۇڭ، ئايال فىگۇرا چىقىرىپ سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى فېڭ يۈ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقدارى بولدى.
جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 30 چوڭ تۈر،42 تارماق تۈر،236 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇ جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چېگرا سىرتىدا قاتناشقان كىچىك تۈر سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرى قارىغا ئېتىش، سۇغا سەكرەش، ماھارەت گىمناستىكىسى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، تىكتاك توپ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تۈرلەردە رىقابەت كۈچىگە ئىگە، چاقماق ئۇسسۇلى، سىيرىلما تاختا، قىياغا يامىشىش قاتارلىق يېڭى تۈرلەردىمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك.
پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى سېنا دەرياسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بوشلۇقىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى كېمىگە ئولتۇرۇپ، سېنا دەرياسىنى بويلاپ شەرقتىن غەربكە قاراپ مېڭىپ، پارىژدىكى نۇرغۇن بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلاردىن ئۆتۈپ، ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى تروكادرو مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن كەچ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئولىمپىك ماھىرلىرى بىزگە ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايەن قىلدى. بىز تىنچ دۇنيادىكى ئولىمپىك روھىنى تەبرىكلەيلى، چۈنكى ئىنسانلار تەڭداشسىز، كۆپ خىللىق ئىچىدە ئىتتىپاقلاشقان.
 27-ئىيۇل پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى رەسمىي مۇسابىقە كۈنى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى قارىغا ئېتىش، سۇغا سەكرەش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق كۆپ تۈردە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. تۇنجى ئالتۇن مېدالنى تالىشىش مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 27-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن باشلىنىدۇ. جۇڭگو ئاۋازى 27-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن باشلاپ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەل مىلتىق ئېتىش ئارىلاشما كوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، قارىغا ئېتىش ئارىلاشما كوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە ئاياللارنىڭ قوش كىشىلىك ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سۇغا سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۇلاپ كۆرسىتىدۇ.

 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى:  ئىمنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى