ئىسرائىلىيە لىۋان جېنقۇداڭنىڭ گولان ئېگىزلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ ئاز دېگەندە 12 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئېيتتى، لىۋان جېنجۇداڭ ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-28 10:53
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 28-ئىيۇل: لىۋان جېنجۇداڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى شەھەر مەجدەلىشېمىسكە راكىتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئاز دېگەندە 12 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، دېدى.
ئىسرائىلىيە: بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي ئۇرۇش سېپىدە لىۋان جېنجۇداڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىپ چىققان ئەڭ ئېغىر ئۆلۈم- يېتىم، دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن لىۋان تەرەپتىن ئۇچۇپ كەلگەن 30 نەچچە راكىتامىيوتنى كۆزىتىپ، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئارقىلىق بىر نەچچە راكىتامىيوتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توستۇق، ئەمما راكىتامىيوت يەنىلا ئىسرائىلىيە كونتىروللىقىدىكى گولان ئېگىزلىكىدىكى شەھەر مەجدەلىشېمستىكى بىر پۇتبول مەيدانىغا چۈشتى ھەمدە ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
لىۋان جېنجۇداڭ 27-ئىيۇل كەچتە راكىتامىيوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بىلەن «قىلچە مۇناسىۋىتىمىز يوق» دېدى. بىراق لىۋان جېنجۇداڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا: تەشكىلاتىمىز مەجدەلىشېمس ئەتراپىدىكى بىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بازىسىغا نەچچە ئون راكىتامىيوت قويۇپ بەردى، دېدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 27-ئىيۇل كېچىدە لىۋاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كافار شۇبا رايونىنى توپقا تۇتتى. ئىسرائىلىيە: بۇ رايوندىن ئىسرائىلىيە كونتىروللىقىدىكى گولان ئېگىزلىكىدىكى شەھەر مەجدەلىشېمسقا راكىتامىيوت قويۇپ بېرىلدى، دېدى.
بۇندىن باشقا، پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى 27-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەربەيلاھتىكى بىر دالا ئۇرۇشى دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلدى، ئاز دېگەندە 30 كىشى قازا قىلدى، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت