لىۋان ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 30-ئىيۇل كەچقۇرۇن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى جېنجۇداڭ تۇرۇشلۇق بىر نىشانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 74 ئادەمنى يارىلاندۇردى. لىۋان قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە چياۋمىنلار مىنىستىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە لىۋاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت