ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خاماسنىڭ رەھبىرى ھانىيە تېھراندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-01 10:25

ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتى شۇ جاي ۋاقتى 31-ئىيۇل بىر باياناتىدا، شۇ كۈنى ئەتىگەندە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھانىيە ۋە بىر قوغدىغۇچىسىنىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 30-ئىيۇل ھانىيە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى پارلامېنتتا، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكىياننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىگە زۇڭتۇڭلۇق ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. شۇ كۈنى ئۇ يەنە پەلەستىن ئىسلام شېڭجەن تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى زىياد ناخارا بىلەن بىرلىكتە ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىران بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكىيان 31-ئىيۇل: ئىران دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ، تاجاۋۇزچىلارنى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدۇرىدۇ، دېدى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسمى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلار قاتتىق، ئازابلىق قايتۇرما زەربىگە ئۇچرايدۇ، دېدى.

خاماس 31-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھانىيە ئىران زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولۇپ تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمنى ئىسرائىلىيە قىلغان، خاماس چوقۇم ئۆچ ئالىدۇ. پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس ھەمدە پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ)، پەلەستىن خەلق كۈرەش فىرونتى، پەلەستىننى ئازاد قىلىش دېموكراتىك فىرونتى قاتارلىق پەلەستىندىكى كۆپلىگەن گۇرۇھلار بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە، ئىيوردانىيە، قاتار، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.

ھانىيە پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇغۇلغان، بۇ يىل 61 ياشتا. خاماس 2006-يىلى پەلەستىن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ھانىيە پەلەستىننىڭ زۇڭلىسى بولغان ئىدى. 2017-يىلى ھانىيە خاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خاماسنىڭ رەھبىرى ھانىيە تېھراندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى

ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتى شۇ جاي ۋاقتى 31-ئىيۇل بىر باياناتىدا، شۇ كۈنى ئەتىگەندە پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھانىيە ۋە بىر قوغدىغۇچىسىنىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.