ئىسرائىلىيە: مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى: زۇڭلى نىتانىياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ «فىلادېلفى كارىدورى»دا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نىتانىياخۇ شۇ كۈنى كابىنېت يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس» دېدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئىسرائىلىيە خاماس بىلەن ئەمەس، بەلكى ياراشتۇرغۇچى تەرەپ بىلەن ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
خاماس شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياراشتۇرغۇچىنىڭ سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خاماس نىتانىياخۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا يەنىلا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى.
خاماس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تەكلىپتە نىتانىياخۇنىڭ شەرتىگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدى، بولۇپمۇ ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە غەززەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى رەت قىلدى، غەززە رايونىدىكى نېچارىم كارىدورى، رافا چېگرا ئېغىزى ۋە فىلادېلفى كارىدورىنى داۋاملىق ئىشغال قىلىشتا چىڭ تۇردى. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نىتانىياخۇ تۇتۇپ قىلىنغانلارنىڭ ھۆججەت ئالماشتۇرۇشىغا يېڭى شەرت بېكىتىپ بەردى، بۇ ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ تاماملىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
مۇخبىرنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىگىلىشىچە، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى پەلەستىن رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇچرىشىشنى باشلاپ، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ غەززە رايونىنى زىيارەت قىلىشىغا تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت