ئىسرائىلىيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى مىسىرنىڭ قاھىرەگە باردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا چېكىنىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-23 10:34
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 22-ئاۋغۇست ئۇرۇش خەۋىرى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافا رايونىدا نۇقتا بەلگىلەپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن قوراللىق خادىمنى ئېتىپ تاشلىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خانيۇنۇس ۋە غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەيربەراھتىكى ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى 22-ئاۋغۇست ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقى ۋە توختىماي ئاتالمىش چېكىنىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ ئەيىبلىدى. 8-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىدىكى خەلق ئاممىسىغا قارىتا 12 قېتىم چېكىنىش بۇيرۇقى چىقاردى، ئاتالمىش «ئىنسانپەرۋەرلىك رايونى»نىڭ كۆلىمى غەززە رايونى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %11ى ئەتراپىغا تارايدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى