ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاھالىلارغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چېكىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى، خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى مىسىرغا بېرىپ ياراشتۇرغۇچى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مىسىرغا باردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى غەززەدە داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، خاماسنىڭ قورال-ياراغ ياساشقا مەسئۇل بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەيربەيراخ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر تونېلنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى. پەلەستىن تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جەنۇبىدىكى نۇرغۇن رايونلارغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا نەچچە ئون ئادەم قازا قىلغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەيربەيراخنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە مەگازى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئاممىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چېكىنىش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە بېكىتكەن ئاتالمىش «ئىنسانپەرۋەرلىك رايونى» غا كۆچۈشىنى تەلەپ قىلدى. پەلەستىن ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ دەيربەيراخ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ، 20 پاناھلىنىش مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈشىنى توختىتىپ قويغان، شۇ جايدىكى تەخمىنەن 100 مىڭ ئامما يەنە سەرگەردان بولۇپ كەتكەن. خاماس شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا بىخەتەر رايون بار دېيىشى پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق دەپ ئەيىبلىدى.
ئىسرائىلىيە ۋە ئالاقىدار ياراشتۇرغۇچى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، خاماس سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قاھىرەگە ئەۋەتىپ، سۆھبەت مۇساپىسىگە ئەگىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا