ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىۋان جېنجۇداڭنىڭ رەھبىرى لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-26 15:21

لىۋان جېنجۇداڭنىڭ رەھبىرى نەسرۇللا 8-ئاينىڭ 25-كۈنى لىۋان جېنجۇداڭنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالى ۋە گولان ئېگىزلىكىگە نۇرغۇن كاتيۇشا ئوقى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا ۋىدىيولۇق سۆز قىلدى. نەسرۇللا مۇنداق دېدى: ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ مۇشۇ دەرىجىگە يېتىشىگە سەۋەبچى بولغىنى ئىسرائىلىيە، چۈنكى ئىسرائىلىيە نەچچە ھەپتە ئىلگىرى «قىزىل سىزىق»تىن ھالقىپ بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلىپ، جېنجۇداڭنىڭ مۇھىم رەھبىرى شۈكۈرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
نەسرۇللا بىز ھازىر ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسىنى باھالاۋاتىمىز، ئەگەر نەتىجە كىشىنى رازى قىلسا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئاخىرلاشتۇرىمىز، ئەگەر نەتىجە يېتەرلىك بولمىسا، داۋاملىق ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمىز دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى لىۋان جېنجۇداڭ قويۇپ بەرگەن كۆپ قىسىم كاتيۇشا ئوقى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى ياكى بوش يەرگە چۈشتى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بازىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىدى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارمۇ نىشانغا تەگمىدى. بۇندىن باشقا، لىۋان جېنجۇداڭنىڭ ئاز دېگەندە ئالتە ئەزاسى شۇ كۈنى سەھەردە ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لىۋان جېنجۇداڭنىڭ رەھبىرى لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دېدى

لىۋان جېنجۇداڭنىڭ رەھبىرى نەسرۇللا 8-ئاينىڭ 25-كۈنى لىۋان جېنجۇداڭنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالى ۋە گولان ئېگىزلىكىگە نۇرغۇن كاتيۇشا ئوقى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا ۋىدىيولۇق سۆز قىلدى.