ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىدىن 50 مىڭ توننا قورال-ياراغ ۋە ھەربىي جابدۇق تاپشۇرۇۋالدۇق، دېدى، ئىران ھانىيەنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسىگە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىمىز، دېدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 26-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن غەززە رايونىدىكى غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز ساھىلىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، ھازىرغىچە يەتتە ئادەم قازا قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەردە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلىپ، نەچچە ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى 26-ئاۋغۇست نىيۇيوركتا ئىسرائىلىيە 25-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان غەززەدىن چېكىنىش بۇيرۇقىنىڭ دەيربەيراخقا جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماددىي ئەشيا مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شۇ كۈنى ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، لېكىن ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەززەدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 26-ئاۋغۇست خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ 500 تىرانسپورت ئايروپىلانى ۋە 107 پاراخوت ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە 50 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قورال-ياراغ ۋە ھەربىي جابدۇق توشۇغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران قوراللىق قىسمىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى باگېرى مۇنداق دېدى: ئىران خاماسنىڭ سابىق رەھبىرى ھانىيەنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئىران ۋە باشقا قارشىلىق كۈچلىرى جەزمەن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا غەززە رايونىدا 40 مىڭ 435 ئادەم قازا قىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا