رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىدىكى 100 ئولتۇراق نۇقتىسىنى كونترول قىلدۇق، دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى سەھەردە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان «خەنجەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى قورال ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ئايرودۇرۇملىرىدىكى ھالقىلىق ئەسلىھەلەرگە مەركەزلىك زەربە بەردى، ئالدىن بەلگىلەنگەن بارلىق نىشانلارغا ئوق تەگدى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش ئىشتابى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 24 سائەتتە، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئىككى تەرەپ جەمئىي 170 قېتىم جەڭ قىلدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى سېرسكى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنگە قەدەر، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىدىكى 100 ئولتۇراق نۇقتىسىنى، جەمئىي 1200 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىننى كونترول قىلدى، رۇسىيە تەخمىنەن 30 مىڭ ھەربىينى ئۇكرائىنادىن كۇرسىكقا يۆتكىدى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلىنسكىي 8-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۇرسك رايونىدىكى ھەرىكىتى ئۇكرائىنانىڭ «غەلىبە پىلانى» دىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، 9-ئايدا ئۇكرائىنا ئامېرىكىغا ئۇكرائىنانىڭ «غەلىبە پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، نۆۋەتتە بۇ پىلاننىڭ تەپسىلاتىنى تېخى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.
رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى رادىياتسىيە، خىمىيە ۋە بىيو مۇداپىئە قىسمىنىڭ قوماندانى كىرىلوف 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئېرىشكەن كۆپلىگەن ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تەركىبىدە زەھەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم بار ئوق-دورىلارنى ئىشلەتكەن، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ «خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە خىلاپلىق قىلغان ماتېرىياللىرىنى خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گروش 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كۇرسك يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تەكشۈرۈشنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەر قانداق ئەھۋالدا ھەربىي ھەرىكەت نىشانى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، كۇرسك يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇم قىلغانلىق ئىزى بار، لېكىن بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ھازىرقى يۈرۈشۈشى «نورمال ھالەتكە ناھايىتى يېقىن».
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت