17-نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى
پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە باشلاندى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 284 تەنھەرىكەتچىنى 19 چوڭ تۈر، 302 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلىشىشقا ئەۋەتتى.
مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاساسىي مەيدانى پارىژ شەھەر مەركىزىدىكى مەيدانغا تەسىس قىلىنغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى زەپەر دەرۋازىسى تەرەپتىن چامپى ئېلىس چوڭ يولىنى بويلاپ ئاساسىي مەيدانغا كىردى. ئاساسىي مەيداندىكى ئويۇن 13 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ سەنئەت باش نازارەتچىسى توما چولى: نۇرغۇن مېيىپ ئارتىسلار ئويۇنغا قاتناشتى، دېدى.
توما جولى مۇنداق دېدى: بىز ئۆزىمىزنىڭ ئويۇن قويۇش كوللېكتىپىنى قۇردۇق، ئاندىن 2-ئايدىن باشلاپ رېپېتىتسىيە قىلدۇق، مەن بۇنىڭ ناھايىتى قالتىس چارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، سىز لوۋېر سارىيىنى، زەپەر دەرۋازىسىنى، ئېيففېل مۇنارىنى، يەنە ئۇنىڭ تارىخىنى كۆرەلەيسىز. 168 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن كەلگەن 4400 مېيىپ تەنھەرىكەتچى چامپى ئېلىس يولىدىن ئاساسىي مەيدانغا كەلدى.
پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى 11 كۈن داۋاملىشىدۇ، تەخمىنەن 4400 تەنھەرىكەتچى 22 چوڭ تۈرگە قاتنىشىدۇ، 549 ئالتۇن مېدال تارقىتىلىدۇ. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 46 ماھىرنى سۇ ئۈزۈش تۈرىگە قاتناشتۇردى.
پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە بىۋاسىتە شاللاش تۈزۈمى قوللىنىلىپ، كوللېكتىپ تۈرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەرلەر، ئاياللار جۈپ ئويناش ۋە ئارىلاش جۈپ ئويناش تۈرلىرى كۆپەيتىلدى. جۇڭگو مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاۋ شۈەي سەپدىشىم ماۋ جىڭجىڭ بىلەن ماھارىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاۋاتىمىز، دېدى.
2004-يىللىق ئافېنا مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، ئۆتكەن بەش نۆۋەتلىك مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، پارىژ مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ بۇ ياخشى نەتىجىنى داۋاملاشتۇرۇشىدىن ئۈمىد بار. جۇڭگو مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئورۇندۇقلۇق ۋالىبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى شۈ يىشياۋ: مېنىڭچە بىزنىڭ ھالىتىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشىغا بەك تەقەززا بولۇۋاتىمىز، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت