بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 14:40
غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرايت مۇساپىرلار لاگېرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سەككىز ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭ تۆتى بالىلار، يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىننىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكىتى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى يەنىلا داۋاملاشتى. پەلەستىن شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتتە ئاز دېگەندىمۇ 17 ئادەم قازا قىلغان، 30 نەچچە ئادەم يارىلانغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر كۈندە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە پەلەستىنلىك 12 قوراللىق خادىم قازا قىلغان، يەنە 10 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرى بىلەن يىغىن ئاچقاندا مۇنداق دېدى: شىمالى ئۇرۇش سېپىنىڭ ۋەزىپىسى يەنىلا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى، يەنى ئاھالىلەرنى يۇرتىغا بىخەتەر قايتۇرۇپ كېلىش، بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «ئۇرۇش نىشانىنى كېڭەيتىش كېرەك».
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىن ۋەكىلى 8-ئاينىڭ 29-مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس بالىلارغا يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ئۈچۈن، غەززىدە ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى. ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ، بۇ 10 ياشتىن تۆۋەن 640 مىڭ بالىنى قاپلايدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل