ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەلىرى داۋاملىق كۆپ قېتىم ئېتىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-01 11:04

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 24 سائەتتە رۇسىيە ئارمىيەسى كۇرسك رايونىدا ئۇكرائىنا زەربىدارلار ئەترىتى قوزغىغان ئالتە قېتىملىق ھۇجۇمنى چېكىندۈردى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كۇرسك يۆنىلىشىدىكى جېڭىدە، ئۇكرائىنا جەمئىي 8200 دىن ئارتۇق ھەربىي خادىم ۋە 76 تانكىدىن ئايرىلىپ قالغان.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى سەھەردە ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ئوبلاستلىرىغا يەنە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ھاۋا ئارمىيەسى، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش قىسمى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ 24 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توستى.
ئۇكرائىنا خاركوۋ ئوبلاستلىق ئارمىيە-ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى خاركوۋ ئوبلاستىغا ھۇجۇم قوزغىدى، بىر ئولتۇراق بىناغا ئوق تېگىپ ئوت كەتتى، ھازىرغىچە ئىككى ئادەم قازا قىلدى، سەككىز ئادەم يارىلاندى. رۇسىيە بۇنىڭغا ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.
رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە جىنايى ئىشلار قانۇن دەستۇرىدىكى تېررورلۇق قىلمىشى توغرىسىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېلگورود ئوبلاستىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزۇلدى. بۇ ھۇجۇمدا بەش پۇقرا قازا قىلدى، ئاز دېگەندە 46 ئادەم يارىلاندى ھەمدە پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
ئان-2 تىپلىق بىر ئايروپىلان 8-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئوسېتىيغا مەجبۇرىي قوندى. رۇسىيە جىددىي ئەھۋال تارماقلىرىنىڭ شۇ كۈندىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئان-2 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ مەجبۇرىي قونۇش ۋەقەسىدە يەتتە ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەن ئۈچەيلەن بار ئىكەن. ئايروپىلان ئۇچقاندا جەمئىي 15 ئادەم ئولتۇرغان، ئەمما مەجبۇرىي قونۇشتىن بۇرۇن 8 ئادەم پاراشۇت بىلەن سەكرىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى: بۇ ئايروپىلاننىڭ جىددىي قونۇش ۋەقەسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى، دېدى.
ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۋىرىيانكو 8-ئاينىڭ 31-كۈنى: ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدۇ، دېدى.
ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆمەروف 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئورېشۇكنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ئۇكرائىناغا ياردەم بەرگۈچى F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى، بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش. ئۇكرائىنا F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، تەكشۈرۈشمۇ ئۇكرائىنانىڭ ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا ئېچىۋېتىلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن













中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەلىرى داۋاملىق كۆپ قېتىم ئېتىشتى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 24 سائەتتە رۇسىيە ئارمىيەسى كۇرسك رايونىدا ئۇكرائىنا زەربىدارلار ئەترىتى قوزغىغان