رۇسىيە: بېلگورود ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، دېدى، ئۇكرائىنا: رۇسىيە خاركوفقا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە بېلگورود ئوبلاستى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ ئوبلاستنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا نۇرغۇن ھاۋا بوشلۇقى نىشانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا بۇ ئوبلاستتا 9 ئادەم يارىلانغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: شۇ كۈنى خاركوف رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ھازىرغىچە 44 ئادەم يارىلاندى، دېدى.
9-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيەنىڭ «ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش كۈنى»، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈلدى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش مۇراجىئەت قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا