ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە: ئۇكرائىنا ھەربىي ئايرودۇرۇمى ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا زەربە بېرىمىز، دېدى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى: پوكروۋسك يۆنىلىشىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا بىر قەدەر قىيىن، لېكىن ياخشىلىنىش بولدى، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-08 11:26

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇرۇش دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر كۈندە، رۇسىيە ئارمىيەسى دونېسىك رايونىدىكى بىر ئولتۇراق نۇقتىسىنى كونترول قىلىپ، ئۇكرائىنا ھەربىي ئايرودۇرۇمى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ئەسلىھەلىرى ھەمدە چەت ئەل قوراللىرىنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتقا زەربە بەردى. رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 30 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى: پوكروۋسكې يۆنىلىشىدىكى ۋەزىيەت يەنىلا بىر قەدەر مۈشكۈل، لېكىن ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولدى، دېدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ باش قوماندانى سىرسىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پوكروۋسكې تەرەپكە يەنىمۇ ئىلگىرىلىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توستى، دېگەن ئىدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە: ئۇكرائىنا ھەربىي ئايرودۇرۇمى ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا زەربە بېرىمىز، دېدى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى: پوكروۋسك يۆنىلىشىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا بىر قەدەر قىيىن، لېكىن ياخشىلىنىش بولدى، دېدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇرۇش دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر كۈندە، رۇسىيە ئارمىيەسى دونېسىك رايونىدىكى بىر ئولتۇراق نۇقتىسىنى كونترول قىلىپ، ئۇكرائىنا ھەربىي ئايرودۇرۇمى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىدىغان