ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى نۇرغۇن جايلار ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي نىشانلارغا ھۇجۇم قىلدى، لىۋان جېنجۇداڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بازىمىزنى توپقا تۇتتى، دېدى
پەلەستىن ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلارنى بومباردىمان قىلىپ، 17 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. غەززە رايونىنىڭ شىمالىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جېبالىيە رايونىدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلىپ، سەككىز ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 15 ئادەمنى يارىلاندۇرغان. غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇسەيرايت مۇساپىرلار لاگېرى ۋە برايجې مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بومباردىمانىدا جەمئىي توققۇز ئادەم قازا قىلغان.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاخباراتقا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى بىر مەكتەپ ئىچىدىكى خاماسنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە دەل زەربە بەردى. ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى يەنە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى گەبرىخا رايونىغا جايلاشقان لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە راكىتامىيۇت قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىگە ھۇجۇم قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتە، تەخمىنەن 15 راكىتامىيۇت لىۋان تەۋەسىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا قويۇپ بېرىلدى، ھۇجۇمدا ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى.
لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى فاللون بازىرى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئەمدىلا ئوت ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى تاماملىغان ئۈچ ئوت ئۆچۈرگۈچى قازا قىلدى، يەنە ئىككى ئادەم يارىلاندى. لىۋان قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە شەھەر بازار مىنىستىرى ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ فاللون بازىرىدا ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن