ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، ئىسرائىلىيە يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرىنى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-16 11:14

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى غەززەدىكى نۇرغۇن جايلارغا داۋاملىق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئون نەچچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. خاماس ئەمەلدارى شۇ كۈنى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىدىغان يېتەرلىك بايلىقى بارلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئەزا قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ خادىمىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 10- كۈنى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى جېبالىيە رايونىغا قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى دەلىللىدى. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جېبالىيەدىكى بىر تونېلغا يوشۇرۇنۇۋالغان خاماسنىڭ بىر قوماندانىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، لېكىن ئاخبارات ئۇچۇرىدا خاتالىق بولغاچقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ تونېلدا ئۈچ ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.
يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەشكىلاتىمىز ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، نىشانى تېلئاۋىۋدىكى يافا رايونى، دېدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدىكى بىر ھەربىي نىشانغا تەگدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، دېدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有