ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىۋاندىكى چاقىرغۇ پارتلاش ۋەقەسىدە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، ھۆكۈمەت ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-18 14:32

  لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇت قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا 9-ئاينىڭ 17-كۈنى چاقىرغۇ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاز دېگەندە 9 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 2800 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، يەنە 200 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

  لىۋان جىنجۇداڭى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ئىشلەتكەن چاقىرغۇ پارتلاپ كەتتى، ئىسرائىلىيە ۋەقەگە تولۇق مەسئۇل بولۇشى كېرەك، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنىدۇ، دېدى.

  ھازىرغىچە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا ۋاقتىنچە باھا بەرمىدى. لىۋان جىنجۇداڭىنىڭ قوزغاش ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت قاتارلىقلار شۇ كۈنى كەچتە جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار لايىھەلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  فىرانسىيە ئاۋىياتسىيەسى، گېرمانىيە ھانسا ئاۋىياتسىيەسى ۋە ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىسرائىلىيەگە ئۇچماقچى بولغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

  يەنە بەزى تاراتقۇلار لىۋان جىنجۇداڭىنىڭ مەلۇم ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پارتلىتىش ۋەقەسى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بىر يىلغا يېقىن توقۇنۇشتا يولۇققان «ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك يوچۇقى» دەپ خەۋەر بەرگەن. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى لىۋاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەبىب بىلەن تېلېفونلاشتى، ئاراقچى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان پۇقرالىرىغا قاراتقان تېررورلۇق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مارتزېۋ مىللېر شۇ كۈنى: ئامېرىكا بۇنىڭغا قاتناشمىدى، چاقىرغۇ پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنىڭ كىملىكىگىمۇ باھا بەرمەيدۇ، دېدى.

  مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەھەت ئاگاھلاندۇرۇپ: ئوتتۇرا شەرق رايونىدا رايون ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك رايون ئۇرۇشىغا پېتىپ قېلىش خەۋپى مەۋجۇت، دېدى.

  تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

  سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有