ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز ساقچىلىرى 2024-يىللىق بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-19 10:24

  جۇڭگو دېڭىز ساقچى پاراخوت فىلوتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگو دېڭىز ساقچى پاراخوت فىلوتىنىڭ مېيشەن، شيۇشەن ناملىق پاراخوتلىرى بىلەن رۇسىيە دېڭىز ساقچىلىرى كامچاتكا پېتروپاۋلوۋسكى، كامچاتكا ناملىق چارلىغۇچى پاراخوتلىرى رۇسىيەنىڭ ئىمپېراتور پېتېر قولتۇقى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

  بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىردا دېڭىزدا قانۇن ئىجرا قىلىش خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، دېڭىزدا قۇتقۇزۇش تېما قىلىنغان بولۇپ، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ بىرلىشىپ ئىزدەش، جىنايەتكە چېتىشلىق پاراخوتلارنى توسۇش ۋە پاراخوتقا چىقىپ تەكشۈرۈش، سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەر ۋە ئوت كەتكەن پاراخوتلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق مەزمۇنلار نۇقتىلىق مەشىق قىلىنىپ، جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ دېڭىز خەۋپسىزلىكىنى بىرلىكتە قوغداش ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدۇ. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى ھەربىي پاراخوت فىلوتىنىڭ قوماندانى خې فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مانېۋىردا، ئىككى تەرەپ خادىملىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، ياخشى ماسلىشىپ، بارلىق مانېۋىر تۈرلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملاپ، ئىككى تەرەپ دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ ياخشى ماھارەت سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. مانېۋىر ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتتۇق.

  بۇ قېتىمقى مانېۋىر جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ 2024-يىللىق بىرلەشمە مانېۋىرى، بىرلەشمە چارلىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش لايىھەسى، قورال-جابدۇق ۋە قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى تولۇق تەكشۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ھەربىي پاراخوت فىلوتلىرىنىڭ دېڭىزدا بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى مۇستەھكەملەندى ۋە ئۆستۈرۈلدى.

  خې فېڭ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي پاراخوت فىلوتلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش، بىرلەشمە قۇتقۇزۇش لايىھەسى تەكشۈرۈلۈپ، كېيىنكى قەدەمدىكى دېڭىز خەۋپسىزلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى بىرلىكتە قوغداشقا پۇختا ئاساس سېلىندى، كېيىنكى قەدەمدىكى جۇڭگو رۇسىيە دېڭىز ساقچىلىرى ھەربىي پاراخوت فىلوتلىرىنىڭ بىرلەشمە چارلىشىغا نىسبەتەن ياخشى باشلىنىش بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشمە مانېۋىر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى بىلەن رۇسىيە دېڭىز ساقچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن پاراخوت فىلوتى شىمالىي تىنچ ئوكياندىكى ئوچۇق دېڭىزدا بىرلەشمە چارلاشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز ساقچىلىرى 2024-يىللىق بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

جۇڭگو دېڭىز ساقچى پاراخوت فىلوتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگو دېڭىز ساقچى پاراخوت فىلوتىنىڭ