ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەدىن 12 ئاي ئىچىدە پەلەستىن زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-19 10:24

  10-قېتىملىق ب د ت كېڭىشىنىڭ جىددىي ئالاھىدە يىغىنىدا 9-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللىنىپ، ئىسرائىلىيەدىن كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە پەلەستىن زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  بۇ قارار لايىھەسىنى پەلەستىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 20 نەچچە دۆلەت بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان. قاراردا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغالىيەت زېمىنىدىن بارلىق ھەربىي كۈچىنى چېكىندۈرۈش، قانۇنسىز سىياسەت ۋە ھەرىكەتلەرنى توختىتىشى تەلەپ قىلىندى، بۇ بارلىق يېڭى مەھەللە قۇرۇش پائالىيىتىنى دەرھال توختىتىش، پەلەستىندىكى ئىشغالىيەت زېمىنىدىن بارلىق ئولتۇراقلاشقۇچىلارنى چېكىندۈرۈش؛ پەلەستىننىڭ يېرى ۋە باشقا كۆچمەس مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىش؛ ئىشغالىيەت مەزگىلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بارلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەسلىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  قاراردا يەنە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى، بولۇپمۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى مۇراجىئەت قىلىندى، بۇ بىرلەشمە ۋە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ھەرىكەت مەركىزى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن لىۋاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سۆزلىشىش ئاپپاراتى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 20 كىشى قازا قىلدى، 450 تىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى. بۇ لىۋاندىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى پارتلاش ۋەقەسى.

  9-ئاينىڭ 17-كۈنى لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ ئەزالىرى ئېلىپ ماڭغان چاقىرغۇ پارتلاپ، 12 ئادەم قازا قىلغان، تەخمىنەن 2800 ئادەم يارىلانغان. لىۋان جېنجۇداڭى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن چاقىرغۇ پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئىسرائىلىيە ھازىرغىچە بىۋاستە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەدىن 12 ئاي ئىچىدە پەلەستىن زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

10-قېتىملىق ب د ت كېڭىشىنىڭ جىددىي ئالاھىدە يىغىنىدا 9-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللىنىپ، ئىسرائىلىيەدىن كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە پەلەستىن زېمىنىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.