ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتى قوشما ئىشتات فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى قوشما ئىشتات فوندى ئۆسۈم نىسبىتى نىشان ئارىلىقىنى 50 نۇقتا تۆۋەنلىتىپ، %4.75 تىن %5.00كىچە بولغان سەۋىيەگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تۆت يىلدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشى بولۇپ، پۇل سىياسىتىنى قىسىش دەۋرىيلىكىدىن قويۇۋېتىش دەۋرىيلىكىگە ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتى 2022-يىلى 3-ئايدىن 2023-يىلى 7-ئايغىچە ئۇدا 11 قېتىم ئۆسۈم قوشتى، جەمئىي ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتى 525 ئاساسىي نۇقتىغا يەتتى. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس پۇل كومىتېتى قوشما ئىشتات فوندى ئۆسۈم نىسبىتى نىشان ئارىلىقىنى %5.25 تىن %5.5 كىچە بولغان ئارىلىقتا ساقلاپ، 23 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزگەن ئىدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل