ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

8-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %18.3 تۆۋەنلەپ كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-20 10:33

ياۋروپا ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 8-ئايدىكى يېڭى ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %18.3 تۆۋەنلەپ، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. ئاساسلىق بازارلاردىن گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىككى خانىلىق سان بويىچە تۆۋەنلىگەن. ياۋروپا ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن «جىددىي ھەرىكەت» قوللىنىپ، يەنىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

8-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %18.3 تۆۋەنلەپ كەتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 8-ئايدىكى يېڭى ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %18.3 تۆۋەنلەپ، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.