ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: لىۋان جېنجۇداڭنىڭ نىشانلىرىغا يېڭى بىر نۆۋەت زەربە بېرىمىز، دېدى، لىۋان: ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىدا 82 كىشى قازا قىلدى، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-22 11:16

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ نىشانلىرىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەربە بېرىۋاتىمىز. ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ نىشانى لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ «خەيفا ۋە تېل ئاۋىفنى نىشانلىغان راكېتامىيۇت قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى». ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنى «ئالدىن قول سېلىپ زەربە بېرىش» دەپ ئاتىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: 9-ئاينىڭ 21-كۈنى جېنجۇداڭنىڭ 400 دىن ئارتۇق راكىتامىيۇت قويۇپ بېرىش سۇپىسى، نەچچە مىڭ قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىگە زەربە بەردۇق، دېدى.
ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلار لىۋان تەرەپتىن قويۇپ بېرىلگەن تەخمىنەن 90 راكىتامىيۇتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
لىۋاننىڭ سەھىيە مىنىستىرى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى: ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىدا جەمئىي 82 كىشى قازا قىلدى، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى: لىۋان جېنجۇداڭنىڭ نىشانلىرىغا يېڭى بىر نۆۋەت زەربە بېرىمىز، دېدى، لىۋان: ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىدا 82 كىشى قازا قىلدى، دېدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ نىشانلىرىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەربە بېرىۋاتىمىز. ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ نىشانى لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ «خەيفا ۋە تېل ئاۋىفنى نىشانلىغان راكېتامىيۇت قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى».